Ozgarma Kiz-文本歌词

Ozgarma Kiz-文本歌词

发行日期:

ئىزدەپ يۈردۈم سۆيگۈنى

يارنىڭ ئۆيى قاياقتۇر

ئىزدەپ يۈردۈم سۆيگۈنى

يارنىڭ ئۆيى قاياقتۇر

شۇنچە گۈزەل جاناننىڭ

كۆڭلى ھەريان تاراپتۇ

شۇنچە گۈزەل جاناننىڭ

كۆڭلى ھەريان تاراپتۇ

سۆيگەن سىنىڭ ئەسىلىڭنى

ئۆزگەرمە قىز ئۆزگەرمە

سۆيگەن سىنىڭ ئەسلىڭنى

گۈل چىرىغىڭنى ئۆچەمە

♪ ♬ ♪

ئايغا قاراپ تۈنلەردە

ئايدىن سوئال سورايمەن

ئايغا قاراپ تۈنلەردە

ئايدىن سوئال سورايمەن

بىردەم تۇلۇن بىر يېرىم

ھۆسنىڭ قايسى دەپ سورايمەن

بىردەم تۇلۇن بىر يېرىم

ھۆسنىڭ قايسى دەپ سورايمەن

سۆيگەن سىنىڭ ئەسىلىڭنى

ئۆزگەرمە قىز ئۆزگەرمە

سۆيگەن سىنىڭ ئەسلىڭنى

گۈل چىرىغىڭنى ئۆچەمە

♪ ♬ ♪

ئايغا ئوخشاش جانانىم

كىچە ماڭا سەيلىگە

ئايغا ئوخشاش جانانىم

كىچە ماڭا سەيلىگە

بىھۇش بولۇپ مەس بولۇپ

مەيخانىلار ئىچىدە

بىھۇش بولۇپ مەس بولۇپ

مەيخانىلار ئىچىدە

سۆيگەن سىنىڭ ئەسىلىڭنى

ئۆزگەرمە قىز ئۆزگەرمە

سۆيگەن سىنىڭ ئەسلىڭنى

گۈل چىرىغىڭنى ئۆچەمە

گۈل چىرىغىڭنى ئۆچەمە