يار سېنى سەپەرگە ئۇزاتقان چاغدا
كۆزۈمدىن يامغۇردەك ئاقتى ياشلىرىم
قاچانمۇ سەن بىلەن كۆرۈشەرمەن دەپ
كۆزلۈرۈم تەلمۈرۈپ يولۇڭغا باقتى
قاچانمۇ سەن بىلەن كۆرۈشەرمەن دەپ
كۆزلۈرۈم تەلمۈرۈپ يولۇڭغا باقتى
ئىشقى سۆيگۈ سالدى ئەجەپ يۈرۈگۈمگە دەرد
كۈندىن كۈنگە يالقۇنلايدۇ ئوتلۇق مۇھەببەت
سېغىنىش ئىلكىدە قالمىدى تاقەت
كۆرىمەن چۈشۈمدە يار سېنى پەقەت
♪♡♬♡♪
قەلبىمنى چەككەندە سۆيگۈ زەخمىكى
سايرايمەن ئىشقىڭدا مۇڭلۇق تار بولۇپ
مىھرىڭدىن سۇ ئىچكەن چىن ۋاپا گۈلۈم
قارايمەن يولۇڭغا ئىنتىزار بولۇپ
مىھرىڭدىن سۇ ئىچكەن چىن ۋاپا گۈلۈم
قارايمەن يولۇڭغا ئىنتىزار بولۇپ
ئىشقى سۆيگۈ سالدى ئەجەپ يۈرۈگۈمگە دەرد
كۈندىن كۈنگە يالقۇنلايدۇ ئوتلۇق مۇھەببەت
سېغىنىش ئىلكىدە قالمىدى تاقەت
كۆرىمەن چۈشۈمدە يار سېنى پەقەت
♪♡♬♡♪
قەلبىمنى چەككەندە سۆيگۈ زەخمىكى
سايرايمەن ئىشقىڭدا مۇڭلۇق تار بولۇپ
مىھرىڭدىن سۇ ئىچكەن چىن ۋاپا گۈلۈم
قارايمەن يولۇڭغا ئىنتىزار بولۇپ
مىھرىڭدىن سۇ ئىچكەن چىن ۋاپا گۈلۈم
قارايمەن يولۇڭغا ئىنتىزار بولۇپ
ئىشقى سۆيگۈ سالدى ئەجەپ يۈرۈگۈمگە دەرد
كۈندىن كۈنگە يالقۇنلايدۇ ئوتلۇق مۇھەببەت
سېغىنىش ئىلكىدە قالمىدى تاقەت
كۆرىمەن چۈشۈمدە يار سېنى پەقەت
سېغىنىش ئىلكىدە قالمىدى تاقەت
كۆرىمەن چۈشۈمدە يار سېنى پەقەت
كۆرىمەن چۈشۈمدە يار سېنى پەقەت