Kerindax-文本歌词

Kerindax-文本歌词

发行日期:

قېرىنداشتۇر ئەڭ ئىسل سىرداش

يوق جاھاندا ئۇنۇڭدەك ئاداش

ئانىسى بىر دادىسىمۇ ھەم

شۇڭا تىنىق-تىنىقى ئوخشاش

ئانىسى بىر دادىسىمۇ ھەم

شۇڭا تىنىق-تىنىقى ئوخشاش

♪ ♬ ♪

بىر شاختىكى غۇجمەك غۇنچە ئۇ

بىر ئۇۋدىكى كەپتەر باچكىسى

شاتلىقى ھەم ھەسرىتى ئورتاق

بىر-بىرىگە تويماس يۈرىكى

شاتلىقى ھەم ھەسرىتى ئورتاق

بىر-بىرىگە تويماس يۈرىكى

♪ ♬ ♪

شۇڭا مەڭگۈ ئۇلۇغ قېرىنداش

يوق جاھاندا ئۇنۇڭدەك مۇڭداش

شۇڭا مەڭگۈ ئۇلۇغ قېرىنداش

يوق جاھاندا ئۇنۇڭدەك مۇڭداش

مال-دۇنيادىن مىڭ ئەۋزەل تۇرار

قەدىرلەيلى دەپ ئۇنى قۇياش

مال-دۇنيادىن مىڭ ئەۋزەل تۇرار

قەدىرلەيلى دەپ ئۇنى قۇياش

قەدىرلەيلى دەپ ئۇنى قۇياش